ش ت ت ب ھەيئىتى كونيادىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى كونياغا يېتىپ بېرىپ، بىر قىسىم پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى. ھەيئەت بۈگۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت زىيارەتتە كونيا ۋىلايىتىنىڭ چۇمرا رايونىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېتەكچىلىرى بىلەن جەم بولۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەيئەت يەنە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا تارمىقى سۈپىتىدە قۇرۇلغان ياشلار مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 17-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1140 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق