خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مەدەنىيىتىنى قاتتىق تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلەپ، يوقىتىپ، كەمسىتىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدە مەخسۇس خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردى.

14–ئۆكتەبىر خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»، «ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى»، نامدا شەرقىي تۈركىستانغا «نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان» 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي -شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» تېمىسىدا كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغان. ئۈرۈمچىدىكى «گۈزەل سەنئەت سارىيى»دا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كۆرگەزمىدە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى»نىڭ باشلىقى تيەن ۋېن  خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۈچەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەشۋىقاتىنى قايتا تەكىتلىگەن ھالدا: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. بۇ مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان تەرەققىيات تومۇرىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىقتىن تارتىپ، ھەتتا ئۆي سەرەمجانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە تەدرىجىي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1164 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق