ئافغانىستاننىڭ قەندىھاردا مەسچىتنى نىشانلىغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تالىبان ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار شەھىرىدە بىر شىئە مەسچىتىنى نىشانلىغان بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە نامىزىدا مەسچىتنى نىشان قىلغان پارتلاشتا قازا قىلغانلار ئاز دېگەندە 33 كە، يارىلانغانلار 73 كە يەتكەن. نەق مەيدانغا 15 دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەن. پارتلاش يۈز بەرگەن مەسچىتنىڭ مەسئۇللىرى فېيسبۇك ھېسابى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا قان تەقدىم قىلىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغان.

تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تىۋېتتېر ھېسابىدا مەلۇمات بېرىپ: «قەندىھار شەھىرىنىڭ بىرىنچى رايونىدىكى شىئە مەزھىپىگە تەۋە قېرىنداشلار مەسچىتىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قايغۇردۇق» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ئالاھىدە قىسىملار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلاپ، جىنايەتچىلەرنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى» دېگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش مەسچىتنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى، مەسچىتنىڭ جەنۇبىي تەرىپى، تاھارەت ئېلىش ئورنى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن.

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىمۇ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ئۆلكىسىدىكى شىئە مەسچىتىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 46 ئادەم قازا قىلغانىدى. نۆۋەتتە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھەر ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا دائىش كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق