ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى يەنە بىر خىتاي يانفونىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئۈچ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى خۇاۋېي شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىققان «روڭياۋ» يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، رىك سىكوت ۋە جون كورنىن پەيشەنبە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېموندوغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن. مەكتۇپتا خىتاي شىركىت خۇاۋېيدىن ئايرىلىپ چىققان «روڭياۋ» يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ «قولى» ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتە خۇاۋېي ئېرىشەلمەيدىغان ئامېرىكا تېخنىكىسىغا چەكلىمىسىز ئىگە بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە سودا مىنىستىرلىكىدىن مەزكۇر شىركەتنى ئېكسپورت كونترول قىلىنىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى مەكتۇپىدا يەنە، خۇاۋېينىڭ ئۆز مۈلكىنى شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىدىن ئۇستىلىق بىلەن قۇتۇلغانلىقىنى، سودا مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىسا يېڭى بىر خەتەرگە يول ئېچىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى جازالايدىغان ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «روڭياۋ» (Honor) ماركىسى بولسا خۇاۋېي شىركىتى 2011-يىلى 9-ئايدا بازارغا سالغان تارماق ماركا بولۇپ، 2013-يىلى 12-ئايدا مۇستەقىل تىجارەت باشلىغان. 2020-يىلى 11-ئايدا «روڭياۋ» خۇاۋېيدىن ئايرىپ چىقىرىلىپ، شېنجېن جىشىن يېڭى ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە سېتىلغان.

2019-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېي شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قاراپ، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. بۇ قارار خۇاۋېينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ مۇھىم قاتتىق دېتاللىرى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىغا ئېرىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسقانىدى. ئەمما خۇاۋېيدىن «ئايرىلىپ چىققان» روڭياۋ بۇ يىل 1-ئايدا ئىنتېل قاتارلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يېڭى يانفون ئىشلەپچىقارغان.

بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ روڭياۋ شىركىتىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق