ئىستانبۇلدا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېڭى شۆبىسى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى بولغان كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا يېڭى شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئېچىلىشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالدى بىلەن مائارىپ جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ شۆبىنىڭ ئېچىلىشىدىكى سەۋەبلەر، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقا توختالدى ۋە شۆبىگە رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن ياش سىراجىدىن كەرىمنى تەبرىكلىدى ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پېشقەدەم ئۆلىمالىرىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم، نىياز داموللا ھاجىم، ئۇستاز ئابدۇخېلىل زاۋا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر، فۇرقان تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى رەئىسى ئەھمەدجان داموللام، ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، خوجا ئەھمەد يەسەۋى جەمئىيىتى رەئىسى ئىلياس ساقا ئەپەندى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېڭى شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرىدا نىياز داموللا ھاجىمنىڭ دۇئا قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

(ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ يۇتيۇب قانىلىدىن كۆرۈۋالالايسىلەر)

بۇ خەۋەر 1448 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2021 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق