ئۆلىمالار ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا چاقىردى

خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، مۇسۇلمانلارنى نىشانلاۋاتقان ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

بايانات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئەرەب-ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە بارلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئاسسام ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زىيانكەشلىك ۋە زوراۋانلىق ھۇجۇمىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشقا چاقىرىلغان.

باياناتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ناھەقلىق، ئىرقچىلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلەشكە، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىمام، خاتىپ ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ جۈمە خۇتبەسىدە ھىندىستان ۋە كەشمىر مۇسۇلمانلىرى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئادالەتسىزلىكىنى ئاساسى تېما قىلىشقا چاقىرغان.

باياناتتا يەنە ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى 1500 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەپلىرى ۋە مەسچىتلىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئوتتۇرھال ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، شۇنداقلا ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بۇ قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاندا تەخمىنەن 154 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان بولۇپ، ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ %14 نى ئىگىلەيدىكەن. خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاسسام ئۆلكىسىدىكى تەخمىنەن 20 مىڭ مۇسۇلمان ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەر» دېگەن باھانە بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇراق رايونىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى بۇ يىل مارت ئېيىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 3599 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2021 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق