خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك كۆز بويامچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پەردازلاش مەقسىتىدە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان كامېرون، بېنگال، ئافغانىستان، بۇرۇندى، ئۇگاندا، چاد، رۇسىيە، پاكىستان، كورىيە، موڭغۇلىيە، سىرىلانكا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن 20 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنى 6-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئالتە كۈنلۈك شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە تەشكىللىگەن. ئۇلار قەشقەر، خوتەن، شىخەنزە، ئۈرۈمچى، دىۋىزىيە قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەردە ئالدىن بېكىتىلگەن ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى جايلاردا تۈرلۈك مۇزېيلارنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت، مەخسۇس كېۋەز ئېتىزلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى مەزكۇر ئالدىن تەييارلانغان ئېتىزلارغا ئاپىرىپ، پاختىلارنىڭ قول بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ماشىنا ئارقىلىق تېرىلىدىغانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنىمۇ پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدە زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىن ئىبارەت جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن بىر پەيتتە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى»نى زىيارەت قىلدۇرغان. ئۇلار زىيارەتتە ئاتالمىش دىنىي زاتلار، دىنىي خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، «خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوقلۇقى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ساھەسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى» قاتارلىق ساختا بايانلارنى ئاڭلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ماختىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي «سۆز-چۆچەك» ئىكەنلىكىنى، ئۆز دۆلىتىگە قايتقاندا بۇلارنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى بېسىم ۋە ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس تاللانغان چەت ئەللىك شەخسلەرنى ئالدىنئالا تەييارلانغان مەيدانلاردا زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى، كېيىنكى ساختا تەشۋىقاتلىرىدا بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەردىن كوزىر سۈپىتىدە ئالاھىدە پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ھىيلە-نەيرەڭلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلىپىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1195 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق