خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ پايدىلانماقتا

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتكەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىنمۇ تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئالاھىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرىدىكى بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى»نى تەكشۈرگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغان.

بۇ ھەقتە ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئاتالمىش «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن نۇقتىلار بويىچە ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، بۇ ئاتالغۇلار خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنى ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش، ئالاھىدە تەمىنات بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئوخشاش پىلانلىق رەزىل سىياسەتلىرىنىڭ پەردازلاپ ئېيتىلىشى بولۇپ كەلمەكتە.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ، ئاتالمىش مىللىي سىياسىتىنىڭ «مىسلىسىز دەرىجىدە» توغرا بولغانلىقىنى جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ياردەم بېرىش پىلانى»دا تۇرپان شەھىرى ۋە دىۋىزىيەنىڭ 12-قىسىم 221-پولكى خۇنەن ئۆلكىسىگە ئايرىلغان بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسى 2010-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا جەمئىي 3 مىليارد 450 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان ۋە كۆپلىگەن ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىملىرى»نى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېنەن ئۆلكىسىمۇ ئاتالمىش «مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى بىلەن خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، قۇمۇلدا مەكتەپ ئاچقان. نۆۋەتتە مەزكۇر مەكتەپتە ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلار خىتاي  ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستاننى يۆلەش سىياسىتى» سۈپىتىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.

بۇلاردىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ئۆسمۈرلەرنى خىتاي ئۆلكىلەردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىش خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسەت بولۇپ، ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ پىلان ئارقىلىق، ئۇيغۇر،قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىزم، ئاتېئىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1140 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2021 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق