خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە غۇلغۇلا قوزغىغان ئەيىبلەشلەرنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ بىر قىسىم جىنايەتلىرى ھەققىدىكى پاكىتلارنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يېڭى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرىدىن شۈ گۈيشياڭ، ئېلىجان ئانايەت قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 57-نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى مەمەت جۈمە قاتارلىق خىتايغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر تۈركۈم ئاممىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن.

ئۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قېلىپلاشقان سۆزلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، قىز-ئاياللارنى دەپسەندە قىلىش، نوپۇس چەكلەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان.

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى مەمەت جۈمە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش جىنايىتىنى ئىنكار قىلغاندىن سىرت، ھېيتگاھ جامىنىڭ دەرۋازىسىدىكى ئايەت يېزىلغان لەۋھەنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، لەۋھەنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇپراپ، خەتلىرىنىڭ ئۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى يېڭىلاپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەسچىتنىڭ ھويلا تېمىغا ئېسىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلغان ۋە ئالدىن تەييارلانغان لەۋھەنى كامېرادا كۆرسەتكەن.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ۋال كوچىسى گېزىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 21 ئۇيغۇر باينىڭ 85 مىليون دوللارغا يېقىن مال-مۈلكىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغانىدى. يىغىندا خىتاي بۇ جىنايىتىنىمۇ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، مىللىي ئۆچمەنلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى، مال-مۈلكىنىڭمۇ «خىتاي قانۇنى» بويىچە مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى جار سالغان. خىتاي باياناتچىلىرى بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق سودىگەر ئابدۇجېلىل خېلىل ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئۇنىڭ ھازىر ئاتالمىش «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېپىللىككە قويۇلغان مال-مۈلكىنىڭ مەجبۇرىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي باياناتچىلىرى يەنە ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان سابىق خىتاي ساقچىنىڭ گۇۋاھلىقىنىمۇ پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، ئۇ بايان قىلغان ئەھۋاللارنىڭ بىرسىنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جار سالغان ۋە: «ئەگەر خالىساڭلار ئۇ ساقچىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەڭلار، بىز ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ باقايلى، چۈنكى بۇندىن بۇرۇنمۇ ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەر چىققان» دەپ نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.

خىتاي بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن خەلق ئاممىسىنىڭ سانىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش، يالغان دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكىنى پاش قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1288 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2021 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق