كۆكدالا شەھىرىدە 200 گە يېقىن كىشى ئايرىپ كۆزىتىلدى

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە كۆكدالا شەھىرىدە يېڭىدىن ئىككى كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك شەھەر قامال قىلىنغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئاخبارات بۆلۈمى 7-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار تۆت ئىكەنلىكىنى، بۇلار ئىچىدىكى ئىككى بىمار قورغاستا بايقالغانلىقىنى، ئىلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان 4-دىۋىزىيەدىكى كۆكدالا شەھىرى تەۋەلىكىدىكى 62-مەيداندا ئىككى بىمار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

7-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رايونلاردا خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغانلىقى سەۋەبلىك 48 سائەت ئىچىدە رايوندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق تىزگىنلىگەن. نۆۋەتتە كۆكدالا شەھىرى قامال قىلىنغان بولۇپ، يېڭىدىن بايقالغان ئىككى بىمار بىلەن ئۇچراشقان 200 گە يېقىن كىشى مەخسۇس ئورنىدا تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان نازارەت ۋە باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق