خىتاي كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتناش تىرانسپورتىنى تېخىمۇ زورايتماقچى

خىتاي رېجىمى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشيول قاتنىشىنى كېڭەيتىشكە 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تايىنىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» قاتناش-تىرانسپورت تارماق ئىدارىسى مۇخبىرغا خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشيول قاتنىشى تۈرىگە 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىنىڭ ئاخىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيوللارنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى 220 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش، (بىرىنچى دەرىجىلىك) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ مۇساپىسىنى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرۇش پىلانلىغان.

خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى تاشيوللارنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش پىلانلانغان بولۇپ، ناھىيە بىلەن ناھىيەلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيوللارنى 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىش، 3A دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە يىل بويى ئېچىلىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئۇلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سالغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ تۈردىكى تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، مول تەبىئىي بايلىقلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۇ پىلاندىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاتناش تىرانسىپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2021 09:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق