قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر ئىستېپا بەردى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىغان بولۇپ بولۇپ، ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى 30-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىسپاتنامىسى تەستىقلانغان.

يىغىندا يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ يىغىندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان.

شۆھرەت زاكىر 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى سابىق قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي رەئىس بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن يېقىنقى ئالتە يىلدا خىتاي ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان تارىخىي جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2019-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، شۆھرەت زاكىر مەزكۇر قارا تىزىملىكتىكى توققۇز كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. جازا تەدبىرىگە ئاساسەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىپ، مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىغان بولۇپ، شۆھرەت زاكىرنىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭمۇ مەزكۇر جازانىڭ ۋاسىتىلىك تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2021 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق