خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىش چاقىرىقى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى 1-ئۆكتەبىر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلار داۋاملاشماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلار ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ بىر نەچچە شەھىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 72 يىللىقى ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى تەشكىللىدى.

نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا خىتاينىڭ 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جازا لاگېرىغا سولاش، نوپۇس چەكلەش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش تەرىقىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، كاستامونۇ، قەھرىمانماراش قاتارلىق بىر نەچچە شەھىرىدە ۋە باشقا بىر نەچچە دۆلەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەزكۇر زور كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىپ، خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەشكە چاقىردى.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2021 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق