ئىستانبۇلدا «مەھمۇت قەشقەرىي شېئىر كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا «مەھمۇت قەشقەرىي شېئىر كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىلىش يەنە تۈركىيە ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر ۋە تۈرك شائىرلار، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىر قىسىم تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەتتە تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى مەھمۇت بىيىكلى ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن ياۋروپا مۇقام ئانسامبىلى ئەزالىرى مۇزىكا ئورۇنلىغان. ئارقىدىن پىروفېسسور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇغان. يىغىلىشتا مەخمۇتجان  ياسىن، ئالىمجان غەمناكى ۋە تۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم قاتارلىق شائىرلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان.

پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە بۇ خىلدىكى شېئىر كېچىسى ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، گۈللەندۈرۈلۈش، خەلقئاراغا تونۇتۇشتىكى ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق