ۋال كوچىسى گېزىتى: ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقى خىتاينى چەكلەشنى نىشانلىغان

ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سەككىز يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش قارارى ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ دېڭىزدىكى كېڭىيىشىنى چەكلەشكە ياردىمى بولىدىكەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەھلىلىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سەككىز يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش قارارىنىڭ نىشانى ھىندى ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە سۇ ئاستى پاراخوتى مۇداپىئە تورى قۇرۇپ، خىتاينىڭ دېڭىزدىكى كېڭىيىشنى چەكلەش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھەربىي كۈچىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا دېڭىزدىكى تېخنىكا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بايقاش ئەڭ قىيىن بولغان كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە ئىكەن.

مەزكۇر تەھلىلدە ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى تەھدىتىنى توسۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئورتاقلىشىش ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاسىيادىكى دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتمەكچى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون «ئاۋكۇس» ناملىق يېڭى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 695 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2021 11:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق