خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك ئەمەلدارلارنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن بىر نەچچە ئەمەلدارنى جازالىغان بولۇپ،  بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر، بىر قازاق قورچاق ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاپچال ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى سانائەت باغچە رايونى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مۇرات جانغابىل «سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن جازالانغان. خەۋەردە مۇرات جانغابىلنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم ۋە ئۈندىدار قىزىل بولىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا، چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازارلىق يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مەمەت مەمتىمىن ئاتالمىش «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەمەت مەمتىمىن بىر نەچچە يىلدىن بېرى بازارنىڭ باقمىچىلىق تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەريانىدا «تۈرنى چۈشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كېيىنكى مۇلازىمەتكە سەل قاراپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن خاتالىق يېزىش جازاسى بېرىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى، خىتايغا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلارنى بولسا «ئىككى يۈزلىمىچى»، «چىرىكلىك» دېگەندەك ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازالاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاينى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1026 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2021 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق