فىرانسىيە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا فرانسىيەنى ئاۋسترالىيە سۇ ئاستى پاراخوتى توختامىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە جۈمە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئىلگىرى ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 40 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى فىرانسىيە لايىھەلەپ ياساپ چىققان سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىش سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلغان.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ ۋەقەنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن بۇ كەم ئۇچرايدىغان قارارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاقساراي ئەمەلدارى ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋېلىش قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىر يەرگە كېلىپ، ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە فىرانسىيە لايىھەلىگەن سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 1140 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق