خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشتە رەزىل ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىقرار قىلىش، جىنايىتىنى تونۇش، ئەيىبلەش ۋە ئاقلاش مەسلىھەت ئۆيى» قۇرۇپ، باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا يول ئاچقان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا ئاتالمىش « ئىقرار قىلىش، جىنايىتىنى تونۇش، ئەيىبلەش ۋە ئاقلاش مەسلىھەت ئۆيى»نى تۇنجى بولۇپ تەسىس قىلغان. مەزكۇر ئورۇننى تەسىس قىلىشقا خىتاينىڭ ئاتالمىش «خەلق تەپتىش مەھكىمىسى» باشلامچىلىق قىلغان. خىتاي مەزكۇر ئالاھىدە ئورۇننى «ئالاھىدە تەربىيەلەش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېلولارنى كامېرا ئالدىدا بىر تەرەپ قىلىش» دېگەن سۆز-ئىبارىلەر پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.

ھالبۇكى، مايتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ: «ئەيىبلەش، پاش  قىلىش ۋە مەسلىھەت سوراش سۆھبىتىگە بىرلا ۋاقىتتا ئاۋازلىق ۋە سىنلىق سىستېمىلاشقان قۇرۇلما ئورنىتىلدى. بۇ ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرار قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ قايتا ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشى ۋە جازانى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن بايانلىرى يېڭى يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئورۇننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «خەلق تەپتىش مەھكىمىسى» بىرلەشمە يىغىنى چاقىرىپ، قانۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر تېررور سىياسىتىنى ھەرقايسى قاتلاملاردا تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە خەلق ئارىسىدا ئۆزئارا پاش قىلىش، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، جىنايىتىنى تونۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنغا مەيدان ھازىرلىغانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاي تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاتالمىش «ئىقرار قىلىش، جىنايىتىنى تونۇش، ئەيىبلەش ۋە ئاقلاش مەسلىھەت ئۆيى»نى قۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ۋە كونترولىنى قايتا كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1769 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2021 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق