خىتاي ساختا تەشۋىقاتىنى ئىرانغىچە كېڭەيتتى

خىتاي دائىرىلىرى ئىران خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە، 13-سېنتەبىر ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش تور يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن ئۈرۈمچى بىلەن ئىراندا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار شەۋكەت ئىمىن قاتناشقان.

شەۋكەت ئىمىن يىغىندا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆز يۇمۇپ، ئاساسسىز، دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا شىنجاڭنى خۇنۈكلەشتۈردى... ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فۇ لىخۇا سۆز قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قېلىپلاشقان جۈملىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان. تور يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان.

خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئاتالمىش «تەلىم-تەربىيە مەركىزى»دە تەربىيەلەنگۈچىلەر، دىنىي زاتلار، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار، پاختا تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ساياھەت يېتەكچىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يىغىنغا قاتناشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ساختىپەزلىك بىلەن بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە نۆۋەت بىلەن ساختا تەشۋىقات تارقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1472 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2021 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق