تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بوسنىيەدە زىيارەتتە بولدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دائىرىسىنى خەلقئاراغا  كېڭەيتىش ھەمدە دەۋا پائالىيىتىگە تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە تەشۋىقات جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇۋارىس ئابدۇلخالىق، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىندىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 13-سېنتەبىر يولغا چىققان. ھەيئەت تۈنۈگۈن بوسىنىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىغان.

ھەيئەت بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سارايېۋو ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي ئاڭ (IGMG) مەركىزى بالقان رايونىنىڭ رايون باشلىقى ئېدىن سالكوۋىچ ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە بۇ مەسىلە دائىرىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ھەيئەت چۈشتىن كېيىن يەنە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دىنىي ئىشلار نازارىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن كاۋازوۋىچنى زىيارەت قىلغان. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دىنىي ئىشلار نازارىتى بوسنىيە ۋە بارلىق بالقان يېرىم ئارىلىغا تەۋە دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋەكىللىك ئورگىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ،  ھەيئەت رەئىس ھۈسەيىن كاۋازوۋىچقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دىنىي ئىشلار نازارىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورگان بولۇپ، تەشكىلات ئىلگىرى خىتاي ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان.

بوسنىيە ئالدىنقى قېتىم ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن 39 دۆلەتنىڭ بىرى. بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنا خەلقى ئالدىنقى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەلى ئىززەت بېگوۋىچنىڭ رەھبەرلىكىدە زور كۈرەش ۋە پىداكارلىقلاردىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بوسنىيە 1992-يىلى سابىق يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق دۆلەتتىكى سېربلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە، بوسنىيە ئۇرۇشى پارتلىغان ۋە بۇ دۆلەتتىكى بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا سارايېۋو قىرغىنچىلىقىدا 10 مىڭ، سىرېبرېنىكا قىرغىنچىلىقىدا بولسا 8000 بوسنىيەلىك مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 2026 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق