مائارىپ جەمئىيىتى بالىلار يەسلىسى رەسىمى ئوقۇش باشلىدى

13-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى يەسلىسى رەسىمى ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، يەسلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە قۇرئان كەرىمدىن ساۋات چىقىرىش بىلەن ئانا تىلدا ساۋات چىقىرىش ئاساس قىلىنىدۇ.

مائارىپ جەمئىيىتى يەسلىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوقۇتۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى قۇرئان كەرىم، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كۇرستا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر قۇرئان كەرىم، تەجۋىد، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەنئەنىۋى ئويۇن، مەكتەپ ئۈچۈن تەييارلىق دەرسلىرى ۋە دالا پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزدە دىننى ھەمدە مىللەتنى سۆيۈش ئېڭى يېتىلدۈرۈش ئاساس قىلىنىپ كەلگەن. بىر مىللەتنى ئاسمىلاتىسيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەتنىڭ تىلى بولۇپ، شۇڭا مائارىپ جەمئىيىتى يەسلىسى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشتىن ئىبارەت تېررور سىياسىتىگە قارشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىل تەربىيەسى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن بولۇپ، بالىلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىك، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنماقتا.

بۇ خەۋەر 857 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق