خىتاي تور ھۇجۇمىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتتى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، سابىق تور قوماندانلىق ئىشتابى، پېنسىيەگە چىققان ئادمىرال مايكىل س.روگېرس: «خىتاي تور ھۇجۇمىنىڭ دەسلەپكى مۇھىم نىشانى چەتئەلدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ئىدى، ئەمما ھازىر خىتاي مۇھىم نىشاننى ئىز قالدۇرماي يالغان تەشۋىقاتنى كېڭەيتىشكە ئۆزگەرتتى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، روگېرس 2014-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئوباما ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. روگېرس 9-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى يىغىندا، تور ھۇجۇمى ساھەسىدە، رۇسىيە، شىمالىي كورىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق تور بوشلۇقىدىكى رەقىبلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تور جاسۇسلۇق ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، روگېرس تور ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، «تور پائالىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ يەتكەن دەسلەپكى قەدەمدە، خىتاي تور پائالىيىتى ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كېڭەيتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. خىتاينىڭ تور ھەرىكىتى ئاساسلىقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش مەقسىتىدە پەيدا بولغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئامېرىكا ۋە غەرب بىلەن بولغان رىقابەتتە، كەڭ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشتى» دېگەن.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى «خۇو يەن» 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2019-يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ جامائەت پىكىرى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە توردا تارقاتقان يالغان ئۇچۇرلارنى قوللايدىغان كۆپ خىل تىلدىكى تەشۋىقاتى كېڭىيىپ، 30 نەچچە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ھەمدە ئون نەچچە تور بېكەتكە كېڭەيگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ توردىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئۈستىگە يۆتكەش، خوڭكوڭ دېموكراتىك نامايىش ھەرىكىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە خىتايدىكى ئۆكتىچىلەرنى تەنقىد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينى قوللايدىغان بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىمۇ كىشىلەرنى ئامېرىكىدىكى نامايىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 1006 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2021 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق