ئۆزىمىزگە بىر دىياگنوز قويۇپ باقايلى

ئۆزىمىزگە بىر دىياگنوز قويۇپ باقايلى 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 

جەمئىيىتىمىزدە، بولۇپمۇ چەت ئەلدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا - مەيلى توپلىشىپ ياشاۋاتقانلىرى بولسۇن، مەيلى ئايرىم-ئايرىم ياشاۋاتقان، لېكىن ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار توپىنىڭ بىر پارچىسى ھېس قىلىپ كەلگەنلەر بولسۇن - تونۇشلۇق بولغان، بىراق كۆپىنچىمىز مەلۇم بىر ئاتالغۇغا باغلىيالمايۋاتقان بىر مۈشكۈلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ بىر-بىرىمىزنى دائىم خاتا چۈشىنىۋېلىش ۋە بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئەمەس، ھەمىشە قارشى تەرەپتىن كۆرۈش. ھەتتا ئۆزىدە سادىر بولغان خاتالىقنى كېيىنچە ئىچىدە ياكى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى قارشى تەرەپكە دۆڭگەپ قويۇش. مەسىلەن: ئۇ شۇنداق قىلمىغان بولسا، مەن ئۇنداق دېمەيتتىم؛ ئۇ شۇنداق دېمىگەن بولسا، مەن بۇنداق دەپ گۇمان قىلىپ قالمايتتىم... دېگەندەك.

ئەمەلىيەتتە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ھېچكىم يوق. شۇنداقلا ھېچكىم ھەممە ئىشقا ئۇستا ئەمەس ياكى مۇكەممەل ئەمەس. ئۇستا بىر كىيىم تىككۈچىنىڭ باشقا بىر كەسىپتە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولماسلىقى، ئۇستا بىر دوختۇرنىڭ بىر پىرىكازچىكنىڭ قىلىدىغان ئىشىدىن ھېچقانداق خەۋىرى بولماسلىقى تولىمۇ نورمال. بۇ يەردە بۇ مىساللارنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب بىزدىكى قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋالىدىغان ياكى قارشى تەرەپ ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئەسلى سەۋەبىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ئۈچۈندۇر.

مەسىلىنى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتى، ئالغان تەربىيەسى پەرقلىق بولغاچقا، ئوخشاش بىر كەسىپنى قىلغان ئادەمدىمۇ ئۆز كەسپىنى باشلاش، داۋاملاشتۇرۇش، ئۇستا، شاگىرت ۋە خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى روشەن پەرقلەر بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ھەر بىرىمىز كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزدە ئەتراپىمىز، ياشىغان دۆلەت، شەھەر، ئارىلاشقان ئادەم، بىرگە ئىش قىلىۋاتقان دەۋا سەپداشلىرى، كارخانا ھەمكارلاشقۇچىلىرى، شېرىكلەر، چۆپقەتلەر، سىنىپداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۇقىرىدىكى ئوخشىماسلىقلارغا ئاساسەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىققىنىمىزدا، نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ، يامان گۇمانلارنىڭ، ئاغرىنىشلارنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مەنتىقلىق چۈشىنىشنى قوبۇل قىلغان ئادەملەردە بولىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك تېرمىنلار ئاساسىدا تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە، دائىم باشقىلارنى خاتا چۈشىنىدىغان، ئەيىبلەيدىغان، ھەتتا ئۆزىدە سادىر بولغان خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپتىن كۆرىدىغان ئەھۋال كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى نورمالسىزلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن «پارانونىد» ناملىق پىسخىكىلىق نورمالسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى، بۇ نورمالسىزلىقنىڭ بولسا كۆپىنچە ئىرسىيەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بىنورماللىق، بىيولوگىيەلىك بىنورماللىق، ئىجتىمائىي مۇھىت سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بىنورماللىق، نېرۋا سىستېمىسىدىكى بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىنورماللىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ خىل نورمالسىزلىقلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئالامەتلىرى بولسا:

باشقىلارغا قارىتا ھەر زامان شۈبھىلىنىش؛ باشقىلار خۇددى ئۆزىنى ئالدايدىغاندەك، زىيان ئۇرىدىغاندەك ئەندىشىدە بولۇش؛ باشقىلار مېنىڭ ساداقىتىمدىن، ئىشەنچلىكلىكىمدىن شۈبھىلىنىدۇ، دەيدىغان چۈشەنچىدە بولۇش؛ باشقىلار مەندىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىش؛ ئادەتتىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى، شۇنداقلا ھېچقانداق تەھدىت پۇرىقى بولمىغان سۆزلەرنى ماڭا ھاقارەت ۋە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىپ قېلىش؛ يۈز بەرگەن ياكى خاپا بولغان بىرەر ئىش ياكى ۋەقەلەرگە دەرھال دۈشمەنلەرچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش؛ ئاداۋەت تۇتۇش؛ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىغا ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، دەيدىغان چۈشەنچىدە بولۇش... قاتارلىق ئىكەن.

يۇقىرىقى ئىلمىي بايانلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ۋە بۇنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىغىنىمىزدا، ئەسلىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ئومۇملىشىپ قالغان ھەردائىم قارشى تەرەپنى خاتا چۈشىنىش، ھەتتا خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى قارشى تەرەپكە دۆڭگەپ قويۇش قاتارلىق مەيلى دەۋا ئىشلىرىمىزدا، مەيلى كۈندىلىك ئۆزىمىزگە خاس بولغان ھاياتىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان ئاۋارچىلىقلىرىمىزنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى قەيەردىن ئىزدەشنى ۋە بۇنى ئوڭشاشنىڭ يولىنى بىلىشكە يۈزلىنىمىز، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىزنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا دۇچ كېلىۋاتقان ئاۋارىچىلىكىمىز ناھايىتى كۆپ.

كېلىشمەسلىكلەر ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا ۋەتەنسىزلىك، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سىياسىي ئاڭ-چۈشەنچە سەۋىيەسىدىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك، دەۋادىكى تەجرىبىسىزلىك، ئىقتىدارسىزلىق، ئۆز بېشىمچىلىق، كەسپىي جەھەتتىكى چولتىلىق... قاتارلىق سەۋەبلەرلا بولماستىن، بەلكى يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بىر-بىرىمىزگە بولغان چۈشەنچە ۋە تونۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىندۇر.

بىز قاچان خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن ئىزدەشنى تاشلاپ، ئۆز مەنىۋىيىتىمىز، ئىچكى دۇنيايىمىز، شۇنداقلا روھىي جەھەتتىن ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىمىز ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسەك، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاسان ھەل بولغۇسى.

ئاخىرىدا شۇنىمۇ قوشۇپ قويماقچىمەن. بىز ئىنسانلار بەدىنىمىزنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزدەك، ئۇ كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇر ئىزدەشنى تەبىئىي قوبۇل قىلغىنىمىزدەك، مەنىۋى جەھەتتىن كېسەل بولىدىغانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە داۋالاش كېرەكلىكىنى نورمال قوبۇل قىلىشىمىز ئۆز ھاياتىمىزغا قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقتۇر.

 

2021-يىلى 7-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 3888 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2021 21:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق