كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا 

ئالماس ھاجى

 

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى كۆپ. يىغىپ ئېيتقاندا، كىتاب سىزنىڭ زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ، پاراسەتلىك، پەزىلەتلىك بولۇشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش يوللىرىنى ئىگىلەيسىز، شەيئىلەرنى تونۇش، چۈشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىڭىز ئاشىدۇ، ئادالەت ۋە ھەقىقەت مىزانلىرى قەلبىڭىزدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئەقىدە-ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بۇ يازمىدا بالىلارنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قانداق يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.

ئادەملەر ياخشى نەرسىگە ھېرىسمەن بولىدۇ، بەزىدە يامان نەرسىلەرمۇ كىشىلەر خاراكتېرىدىن ئورۇن ئېلىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئالدىنقىسىنى تەربىيەلەپ، كېيىنكىسىگە ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك. بالىلاردا كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگە بولۇشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتا-ئانىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى تەبىئىي ھالدا بالىلاردا كىتابقا بولغان قىزىقىشنى قوزغايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بۇ قىزىقىشنىڭ ياخشى ئادەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگە بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بالىلارنىڭ قىزىقىشى قوزغالغاندا ئۇنىڭغا ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلۈش، تېگىشلىك شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلاپ قىزىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئائىلە تەربىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتا.

ھازىر ھەممە ئائىلىدە كىتاب جاۋىنى ۋە يېزىق ئۈستىلى بولۇش قېلىپلىشىپ قالدى. ئەگەر مۇمكىن بولسا بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە ھەربىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم بولغىنى ياخشى. ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ۋە بۇنى دائىمىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىش لازىم. بۇ جەرياندا بالىلار بىلەن ئۇلار ئوقۇۋاتقان كىتاب مەزمۇنلىرى ھەققىدە قىسقا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشى، بالىلارغا قانداق ۋەقە، قايسى ئوبرازلارنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. سۆھبەت جەريانىدا ھەرگىز تەنبىھچى بولماي، ئۇنىڭ يېشىغا ماس ھالدا سىرداش، سۆھبەتداش بولۇشىڭىز لازىم. بالىڭىز سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن خۇرسەن بولسۇن، ئۆزىنى كىتابتىكى قەھرىمانلاردىن ئۈلگە ئالغاندەك، چوڭ بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلسۇن.

 ئاتا-ئانىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىلارنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى، بالىلارغا خاس خۇي-مىجەزلىرى بارلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىم. ئۇلارغا بېسىم قىلماسلىقى، زورلاش، كەمسۇندۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە قىزىقتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا تايانغان ئەۋزەل.

بالىلارغا كىتاب ئوقۇغاندا قىسقىچە خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشنى ئۆگىتىپ ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇنىڭ بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ. بالىلار ھېسسىياتقا تايىنىپلا ئىش قىلىدىغان، ئوي-پىكىرىنى توغرا، راۋان ئىپادىلەپ بېرەلمەي دۇدۇقلاپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن خالىي بولىدۇ.

بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئۈچ ياشلىق بالىلاردىن باشلاپ شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن ھېرىسمەنلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۈچ ياشلىق بالا خەت تونۇيالمىغانلىقىنى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيالمايدۇ. لېكىن ئاتا-ئانىسى ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىدىغان رەسىملىك كىتابلاردىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كېتىپ، كېيىن كىتابنى ۋاراقلاپ سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھال ئۇنى كىتابقا دوست قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. ئۇ قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بالىلارنىڭ تىلى راۋان، تەپەككۇرى چوڭقۇر، زېھنى ئۆتكۈر بولىدۇ. ھەق-ناھەق، ئادالەت قارىشى ۋە ئەقىدە-ئېتىقادى كۈچلۈك بولىدۇ.

خوش، ئوقۇرمەن! سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە كىتاب جاۋىنى بارمۇ؟ سىز ئايدا قانچە كىتاب ئوقۇيسىز؟ بالىلىرىڭىز كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنمۇ؟ سىز بۇ مەسىلىگە ئادەتتىكىچە قاراپ قالماڭ، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. بەلكىم سىز پولشا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن «ئۇچار ئۇنىۋېرسىتېت» دېگەن كىتابنى ئوقۇغان بولغىيتتىڭىز. تارىختا ئۇچ ئىمپېرىيە بېسىۋېلىپ بۆلۈشۈۋالغان، تىلى ۋە يېزىقى يوقىتىلغان، دۇنيا خەرىتىسىدىن دۆلىتىنىڭ نامى ئۆچۈرۈلگەن پولشا خەلقى مائارىپتىن، ئىلىم-پەندىن، كىتابتىن قۇدرەت تېپىپ مۇستەقىل بولغان، دۆلەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇڭا سىز ئۆيىڭىزدىكى كىتاب جاۋىنىنىڭ مۇستەقىل، ھۆر ۋەتىنىمىزنى قۇرۇشتا بىر دېتال بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قانچىلىك ئاكتىپ، پائالىيەتچان، پىداكار بولۇڭ، ئەگەر ئائىلىدىكى كىتاب جاۋىنىگە، بالىلىرىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئەستىن چىقارسىڭىز ياكى سۇس قارىسىڭىز، سىز ماڭغان ئىزلارنى بالىلىرىڭىز، نەۋرە، چەۋرىلىرىڭىز تاپالمايدۇ، نېمىشقا دېدىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ ئىزلىرىڭىزنى تونۇمايدۇ. بۇ قانلىق، دەردلىك ئىزلارنى تونۇشنى ئۇلارغا سىز ئۆگەتمىگەن بولىسىز!

 

2021-يىلى 29-ئاۋغۇست

بۇ خەۋەر 3106 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 18:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق