خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش»نى تەكىتلىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى بويىچە سىنلىق يىغىنى ئېچىپ، «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولۇش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: «ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، "مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش" باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەتتە ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى ئاتالمىش «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى»نىڭ مەسئۇللىرى لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. 

خىتاي كومپارتىيەسى بۇ يىل يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش باھانىسى بىلەن قىزىل تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، قاتتىق باستۇرۇش ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بۇ سىياسەت ۋە تەشۋىقاتلار تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن. بۇ جەرياندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كوممۇنىستلارنى كەڭ كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ياكى ئەۋەتىپ، ئاتالمىش «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، قىزىللاشتۇرۇش ئارقىلىق باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 2331 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2021 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق