شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە جەمئىيىتى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ يېڭى مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 6-سېنتەبىر ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار قىسقىچە تەبرىك سۆزى قىلدى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركەز شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىر ياشلىرىغا ھەرۋاقىت ئوچۇق بولۇپ، جەمئىيەت تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدە ياشلارنى تەربىيەلەشنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كېرەكلىك بولغان ساغلام تەن، ساغلام پىكىرگە ئىگە ياراملىق ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەركەزنى تەسىس قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈرلۈك مۇسابىقە، پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا رەڭ قوشۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە مەزكۇر مەركەزمۇ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساغلام، ئىرادىلىك ۋە پائالىيەتچان بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك سۇپا بولىدۇ، دەپ قارالماقتا.

بۇ خەۋەر 1853 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2021 10:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق