مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش بىزنىڭ چىقىش يولىمىز

مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش بىزنىڭ چىقىش يولىمىز

ئالماس ھاجى

 

مائارىپ تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىش جەريانىدىن تەركىب تاپقان، ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان، كىشىلىك ھاياتنى تەرەققىياتقا، گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائىي جەريان بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئەستايىدىللىقنى ۋە ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان روھىي بىناكارلىقتۇر. «مائارىپنىڭ نەتىجىسى دەرھاللا، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرۈۋەتكۈدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ».

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى ياشاپ كەلگەن گۆھەر زېمىن - شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ زېمىننىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مىللەت گەۋدىسى بىلەن يوقىتىش ۋە تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. «يىغىشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇش»، «بىرىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»، «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، 2017-يىلنىڭ باشلىرىدىن 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەرخىللار قاتلىمىغا مەنسۇپ بولغان ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق، ئادەم چىدىغۇسىز نەزەربەند، جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن سۇندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى، بىر قىسمىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاتتى. بىر قىسمىنى قىيناش ۋە ئازابتىن ئەسلىگە كېلەلمىگۈدەك دەرىجىگە يەتكۈزۈپ، قاراڭغۇ كامېرلىق تۈرمىلەرگە باقىۋەندە قىلدى. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلىرى - يۇرت باشلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، يازغۇچى-شائىرلار، داڭلىق سودىگەر-كارخانىچىلار قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولدى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى سەركىسىز، باشسىز، تەربىيەسىز قالدۇرۇپ، سەرخىللىرىدىن جۇدا بولغان، مىللىي روھى تۇنجۇققان، ئومۇرتقىسى سۇنغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىدە خەلقىمىز نەچچە ئون يىللاپ ئەسلىگە كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بۇ زىيانكەشلىك ئالدى بىلەن مائارىپتا ۋە شۇ مائارىپتا يېتىشىپ چىققان سەرخىللىرىمىزنىڭ دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ يوقىتىلىشىدا كۆرۈلدى.

تارىختىن بېرى نۇرغۇن چەكلىمە ۋە زىيانكەشلىكلەر تۈپەيلى مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويالمىغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە مۇستەملىكە مائارىپىدىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر پۈتۈنلەي يوق قىلىنىپ، مۇستەملىكە مائارىپى ئىچىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر مائارىپى» دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشمۇ يوق قىلىندى. بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ھۇل تېشى مائارىپتۇر. مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن، مائارىپى تەرەققىي قىلغان مىللەت ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپىدۇ. ئەكسىچە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپ يولىنى تاپالمىغان، مائارىپى مەغلۇپ بولغان مىللەت ۋەيرانچىلىق، پاراكەندىچىلىك كوچىسىدىن چىقالمايدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر بىزنىڭ مائارىپىمىزنى تىزگىنلەپ، ھەر جەھەتتىن بوغۇپ، قىرقىپ كەلدى. ئارىمىزدا ساتقۇن مۇناپىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن «قوش تىللىق» مائارىپنى يولغا قويۇپ، تىل-يېزىقىمىزنى قاتاردىن چىقىرىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە مائارىپىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر مائارىپى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ سەپتىن چىقىرىلدى. ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرىكىدەك بەزى يوچۇق ۋە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي روھتا تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتاي تىلى بىلەن، كوممۇنىستىك روھ بىلەن خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا شۇ دۆلەت مەكتەپلىرىدە تەربىيەلىنىپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە، رازىمەنلىك بىلەن ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى تۇمانلاشتۇرىدىغان ئاچچىق رېئاللىق.

شۇڭا، ھازىرقى مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش، ئەۋلادلىرىمىزنى قانداق قىلىپ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

بۇ يازمىدا ھازىرچە پەقەت تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپرەك، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا، يەنىلا تۈرك مەكتەپلىرىدە داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا يول يوق.

ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشتا بىر قانچە نۇسخا ئېلىپبە كىتابى ۋە تىل-ئەدەبىيات كىتابى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك كىتابلىرى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇنتىزىملاشمىغان ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ئىقتىسادىي جەھەتتە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان راسخوت يېتىشمەسلىك مەكتەپ ئاچقۇچىلارنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ئورۇندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرئان ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. بەزىلىرى خېلى ياخشى شارائىتقا ئىگە بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئەمەس. مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقا مەكتەپلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش مەسىلىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش، مائارىپنىڭ تەكشى يۆنىلىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە ھەم يەتكىلى بولىدۇ.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىلىرى بىرلىشىپ، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈپ، كۆچمەنلىك ھاياتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشتەك رېئاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش، چىقىمىنى كۆتۈرۈپ مەخسۇس كۇرسلاردا تەربىيەلەش، قەرەللىك مەخسۇس تېمىلاردا دوكلات ئۇيۇشتۇرۇش، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ۋە دالا پائالىيىتىگە تەشكىللەشتەك مىللىي روھتا تەربىيەلەش مەقسەت قىلىنغان تولۇقلىما مىللىي مائارىپ تەربىيەسى - «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگىراممىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش، ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئېلىنغان بۆسۈش خاراكتېرلىك قەدەم بولدى. چۈنكى «چەت ئەلدىكى سانى ئاز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق، سانىمىزنىڭ ئازلىقىنى سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن تولۇقلاشتىن باشقا يولىمىز يوق» (ئابدۇرېھىم دۆلەت) ئىدى. شۇڭا ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىشىمىز لازىم ئىدى. بۇ ناھايىتى جايىدا ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان قوزغىلىش بولدى.

چۈشىنىشىمچە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئالدى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈرك مائارىپىغا يانداشقان ھالدا ئۇيغۇرچە سىنىپ ياكى مەخسۇس كۇرسلارنى تەشكىللەپ، مىللىي ئاڭ ۋە ئۆزلۈك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش، قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرك مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرچە نۆۋەتلىشىپ ئوقۇتىلىدىغان سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، سىستېمىلاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى ھەم ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىكىنى ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئىدى. بۇنداق قىلغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردە باشقا تىللاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي شارائىت تەسىرىدە ئاستا-ئاستا ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئاساسىي مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش ۋە ئاساسىي بىلىم دەرسلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەت ۋە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ. «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»دا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئاز بولۇشىدەك يېتەرسىزلىكنى سۈپەت يۈكسەكلىكى يارىتىش ئارقىلىق تولۇقلاش، مىليون ئادەم قىلىدىغان ئىشنى بىر ئادەم قىلالايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ رېكورت يارىتىش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانى بىرقەدەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ۋە ھەتتا دوكتور، پىروفېسسور بولۇپ يېتىشىپ چىققۇچە بولغان جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا باشتىن-ئاخىر ئىگە بولۇش، يەنى ئۇلارغا بولغان ئىقتىسادىي ياردەمنى ۋە تەلىم-تەربىيەنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرىغا يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدا كەسپىي خادىملار بىلەن مالىيە مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك مۇئەسسەسەلەر تەسىس قىلىنىشى ۋە مائارىپنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەر قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن:

1. مائارىپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر مائارىپ كومىتېتى (ۋەقفى)» تەسىس قىلىنىشى لازىم. بۇنىڭ ھەيئەتلىرى كەسپىي خادىم بولۇشى، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئېتىراپ قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك خادىملاردىن تەشكىل تاپقان بولۇشى لازىم.

2. مائارىپنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» تەسىس قىلىنىپ، مائارىپنىڭ پۈتۈن راسخوت، چىقىملىرىنى ھەل قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈلۈش كېرەك.

3. مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا ھەر ئايدا مۇۋاپىق مىقداردا بەدەل پۇلى تۆلەشنى يولغا قويۇپ، بۇنى ئۇيغۇرلۇق سالاھىيەت بىلەن ھەرقانداق ئىش بېجىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش لازىم.

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈشكە، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، سىستېمىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ خىزمەتنىڭ پىلانلىقلىقىغا، ئىزچىللىقىغا، ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا «ئۇيغۇر مائارىپ كومىتېتى»نى قۇرۇش، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى روياپقا چىقىرىش ھازىرقى ئەھۋالدا شەرتسىز زۆرۈرىيەتتۇر.

«ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى روياپقا چىقىرىشتا بەدەل پۇلى يىغىش، خەير-ئېھسان قوبۇل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئورگانلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئەللىك مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەندە، ھەر ئايدا كىشى بېشىدىن 20 لىرادىن بەدەل پۇلى يىغىلسا، بىر ئايدا بىر مىليون لىرا يىغىلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەردىن كېلىدىغان پۇلنى ئاز دېگەندە بىر مىليون لىرا دەپ ھىسابلىساق، ئايدا ئىككى مىليون لىرا بولىدۇ. بۇ پۇل تۆۋەنرەك خىراجەت بىلەن خامچوت قىلغاندا، مۇئەسسەسەلەرنىڭ راسخوتلىرىغا، 90 ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپىي خادىمنىڭ مائاشىغا، 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە يېتىپ قالىدۇ.

ئىش شۇنداق باشلانسا، ئاللاھ خالىسا بۇ ئېقىن كېيىنچە چوڭىيىدۇ، ئەلۋەتتە. بىزدىكى مۇمكىنچىلىك ۋە ئىمكانىيەتلەرنى، مېنىڭچە، مۇشۇنداقراق مۆلچەرلىگىنىمىز ياخشىراق. ئەلۋەتتە بۇ ساننى قولغا كەلتۈرۈش ئانچە ئاسان ئەمەس، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. سەۋەبىنى قىلساق، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

بىز دەۋاتقان مىللىي روھ ئانا يۇرتنى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئار-نومۇسىنى، غۇرۇرىنى، مىللىي قەدىرىيەتلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. بىز دەۋاتقان مىللىي روھ مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بىر نىيەت، بىر دىل بىلەن ئىتتىپاق بولۇش، كەڭ بىرلىك سەپ تۈزۈپ, خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋەتەننى ئازاد قىلىش دېمەكتۇر.

مۇھاجىرەتتىكى تەلىم-تەربىيەگە ۋە تەشۋىقاتقا بۇنداق مىللىي روھنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇھاجىرەتتە ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ۋە بۇنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت يۈكسەكلىكىدە تونۇش مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى.

تەلىم-تەربىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇنتىزىملاشقان، سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشتۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى تارقاق ھالدا ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئېچىپ، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى ياكى بۇمۇ بىر پۇل تېپىشنىڭ يولى دەپ قاراپ ياردەمسىز، يۆلەكسىز تاشلاپ قويۇش توغرا ئەمەس. ئۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كۈچلۈك ۋە يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە قىلىش لازىم. كېرەك بولسا خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىنى ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئەۋلادلىرىمىزدا ئۇيغۇر روھىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتمىساق، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغان بولىمىز، مۇستەقىللىق دەۋايىمىز ئىگىسىز قالىدۇ.

شۇڭلاشقا، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش ۋە ئونى توغرا يولغا قويۇش، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش بىز چوقۇم مېڭىشقا تېگىشلىك يول، بىز پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ھەر ساھە بويىچە تەربىيەلىنىپ يېتىشىپ چىقىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. بىز پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا كۈچلۈك بولالايمىز. بىزگە كېرەكلىك ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار، سىياسىي ئەربابلار، تەشكىلاتچىلار، ھەربىي قوماندانلار، ھەرساھە مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلىم-پەن خادىملىرى ھەممىسى پەقەت مائارىپ ساھەسىدە تەربىيەلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا مىللىي روھقا تويۇنۇپ بىلىم ئالسا، ئۇيغۇرنىڭ سەرخىللىرى، ئۇقۇمۇشلۇقلىرى، يېتەكچىلىرى، ئاۋانگارتلىرى بولىدۇ. مىللىي روھقا تويۇنمىسا ئۇيغۇر روھى يېتىلمىگەن، ئۇيغۇرغا ئەسقاتمايدىغان، نامدا ئۇيغۇر زىيالىي بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە مۇھاجىرەتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلىپ مىللىي روھنى سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەش مەسىلىسىدۇر.

شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە، داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا مۇنتىزىملاشقان كەسپىي خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ئىقتىساد مۇھىم رول ئوينايدۇ. كەسپىي خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان خىزمەت ھەققى باشقا ئورۇنلاردا بېرىلىدىغان خىزمەت ھەققى بىلەن تەڭ بولۇشى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ قوشۇننىڭ تەركىبى تولۇق، سۈپەت تەلىپى مۇۋاپىق، ئورنى مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلە «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ئېچىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەكتەپ يېتەكچىلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان ۋەقفى، جەمئىيەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرولۇق كۈچى ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار نەچچە يىلدىن بېرى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجە، ھاسىلاتلارنى يارىتىپ، مەلۇم تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېپىنى تولۇقلىشىمىز، دەرسلىكلىرىنى تولۇقلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، سىستېمىلاشقان، پىروگراممىلاشقان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىم. ئۇلارنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا خىراجەتتىن بويۇن قىسىپ قالمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇ يەنىلا «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى يولغا قويۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ.

دېمەك، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى. ئەگەر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى ياخشى يولغا قويالمىساق، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ماڭدامدا قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى دەپ تونۇشى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە كۈچ قوشۇۋاتىمەن، دەپ قارىشى لازىم. مەسىلىگە مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە قارىغاندا، ئاندىن بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دەسلەپكى پىكىر-قاراشلىرىم. بەلكىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمدىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلى مەسىلىگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەندىمەن، قاراشلىرىمنىڭ جايىدا بولمىغان تەرەپلىرى يولۇشى تەبىئىي. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ تۈزىتىپ تولۇقلىشىنى، يېڭى مەزمۇن، تەكلىپلەر بىلەن بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىز بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەيلى، بۇ ھەقتە باش قاتۇرايلى، ئىزدىنەيلى، پىكىرلىشەيلى، ئۆزئارا ياردەملىشەيلى!

 

2021-يىلى 19-ئاۋغۇست

بۇ خەۋەر 659 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق