گۇما بىلەن قاغىلىقتا كۆپ قېتىم يەر تەۋرىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىستانسىسى ئىككى كۈن ئىچىدە گۇما ۋە قاغىلىق ناھىيەسىدە كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 4-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 07:28 دە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن (شىمالىي كەڭلىك 37.89 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.87 گىرادۇس)، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەككىز كىلومېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسىدا ئىكەن. 

ئېيتىلىشىچە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايون چۆللۈككە تەۋە ئىكەن. تەۋرەش رايونى قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا 39 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 1051 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا قاغىلىق ناھىيەسىدە يېنىك تەۋرىنىش سېزىمى كۆرۈلگەن. 4-سېنتەبىر سائەت 07:54 تە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن (شىمالىي كەڭلىك 37.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.96 گىرادۇس). تەۋرەش مەركىزى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىشنا يېزىسىدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەتتە كىلومېتىر ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەۋرىگەن جايمۇ قۇملۇقتىكى ئادەمسىز رايونغا تەۋە ئىكەن. تەۋرەش مەركىزى گۇما ناھىيە بازىرىغا 39 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 1046 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرىگەندە گۇما ناھىيەسى ئىچىدە يېنىك تەۋرىنىش سېزىمى بولغان.

5-سېنتەبىر سائەت 01:52 دە گۇما ناھىيەسىدە يەنە 5.3 بال يەر تەۋرىگەن (شىمالىي كەڭلىك 37.82 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.89 گىرادۇس). سائەت 01:55 تە قاغىلىق ناھىيەسىدە 4.2 بال يەر تەۋرىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغا قەدەر تەۋرەش رايونىدا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى، ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر تاپشۇرۇۋالمىغان. قاتناش، سۇ، توك ۋە تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىدە نورمالسىزلىق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1423 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق