خىتاي خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنى جازالاشقا قۇتراتتى

خىتاي خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنى جازالاشقا قۇتراتتى

3-ئىيۇل خىتاي خەلق گېزىتىدە «ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارنى ئاخىرىغىچە سۈرۈشتە قىلىشىنى قەتئىي قوللايمىز» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنى جازالاشقا قۇتراتقان.


ماقالىدە: «خوڭكوڭنىڭ ۋەتەن قوينىغان قايتىپ كېلىشىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان مۇھىم بىر كۈندە بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلار مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن تۈزۈشىگە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، قانۇن چىقىرىش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى، خوڭكوڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. تۆمۈر قەپەزلىك ئاپتوموبىل بىلەن قانۇن چىقىرىش بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ، زەھەرلىك، خېمىيەلىك پاراشوك بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، مەمۇرىي رايون بەلگىلىرىنى خالىغانچە بۇزدى. بۇنداق قىلمىشلارغا ھەرقانداق ھاكىمىيەت چىداپ تۇرالمايدۇ. بىز خوڭكوڭ مەمۇرىي رايون ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرىغىچە سۈرۈشتە قىلىشىنى قەتئىي قوللايمىز» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە قانۇنى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان خوڭكوك خەلقىنى جازالاشقا قۇتراتقان. ئەمما خىتاي خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ تىنچ ھالەتتە نامايىش قىلغان خەلقكە ئوق چىقارغانلىقىنى، خەلقنى زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ خەلقى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن بولۇپ، خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش كومېتىتىغا بۆسۈپ كىرگەن نامايىشچىلار تامغا «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ قويغان.

مەنبە:https://www.facebook.com/mwopus/videos/pcb.10219585156557113/10219585148036900/?type=3&theater

 

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 5419 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2019 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق