خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى

تېڭشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش» 31-ئاۋغۇست 46-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى قايتا تەكىتلىگەن.

يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش»نىڭ رەئىسى  نۇرلان ئابىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، قورچاق ئەمەلدارلاردىن جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ئېزىز مۇسا قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا «دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق دىنى پائالىيەتلىرى، دىنىي مۇراسىملىرىغا ئالاھىدە چەكلىمە قويغان. يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە بۇ چەكلىمىلەردىن سىرت، يەنە 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى چايخانا، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۆزگەرتكەن .

خىتاي رېجىمى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققان ۋە مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتالمىش ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقاتقانىدى ۋە مەزكۇر قانۇنى ئارقىلىق 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى قانۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق كىشىلەرنى، جۈملىدىن ياشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتە بولسا «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلدۇق» دەپ بىلجىرلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1859 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2021 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق