قورچاق ئەمەلدارلار جىنايى قىلمىشلىرىنى يەنە نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئاۋغۇست ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر» بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مەخمۇت ئابدۇۋەلى سۆز قىلىپ: «ئەنگلىيەدىكى خىتايغا قارشى بەزى كۈچلەر ئىرقىي يوقىتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىزگە بوھتان چاپلىدى» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە ئەنگلىيەنىڭ تارىخىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ: «ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەش سالاھىيىتى يوق» دەپ جار سالغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» سىياسىتى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن سۆز ئالغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭمۇ: «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت بۇ قالپاقنى ئەنگلىيە كىيىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. 

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى» رامىلە شەۋكەت سۆز قىلىپ، ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چالۋاقىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەتمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، قايسى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەيىبلىسە، خىتاي شۇ ھامان مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى، ھەتتا نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «سەن قىلساڭ بولىدىكەن، بىز قىلساق نېمە بوپتۇ» دېگەن تەرىقىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 1804 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2021 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق