ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزىدە يەنە بىر قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى

«ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ يەنە بىر قارار 20 ئوقۇغۇچىسى 27-ئاۋغۇست مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش پۈتتۈردى.

«ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزى» مۇھاجىرەتتە كەسىپ ئۆگىنىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان خانىم-قىزلارنى ھەقسىز تەربىيەلەپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بىر نەچچە قارار كۇرسانت ئوقۇش تاماملىدى. 

تەربىيەلىنىپ چىققان كۇرسانتلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلغان بولۇپ، مەركەزدە تەربىيەلىنىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقاندىن سىرت، ماھارىتىنى يەنە باشقىلارغىمۇ ئۆگەتكەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋەتەندە قېلىپ قېلىشى، ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈشى، شۇنداقلا تۈركىيەدە مال باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى سەۋەبلىك، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ئورۇنلار بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1452 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2021 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق