خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى كېڭەيتمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تاموژنىدىن ئۆتكەن يەتتە ئاي ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان خام ئەشيا يۈك توشۇش مىقدارى 19 مىليون 589 مىڭ 400 توننا بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئاساسلىقى تۆمۈر رۇدىسى، ئاشلىق، ياغ زىرائەتلىرى، خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى قاتارلىق ماللار ئىكەن. ئېكسپورت مىقدارى 2 مىليون 624 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاندىن ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، تۈرلۈك ماللار، مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تاۋارلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان. قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرا ئېغىزىدىن ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

قورغاستىكى بىر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى جاڭ بىن ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ كارخانىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى قورغاستىن 15 يۈك ئاپتوموبىلى ئەتراپىدا مال ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئۇششاق تاۋار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئىمپورت قىلغان ماللارنىڭ زور مىقدارى خام ئەشيا بولۇپ، ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تاۋار بولۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارغا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلغان خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنىڭ، يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭەيتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2021 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق