خىتاي داۋالاش مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىدا شەرقىي تۈركىستاننى سىرتتا قالدۇرۇپ قويغان

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رايونلۇق داۋالاش مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سىناق تۈرىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىلىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»نى قوشقان.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24-ئاۋغۇست خىتاي سەھىيە كومىتېتىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئېغىر كېسەللىك بار ئۆلكە قالماسلىق» نامىدا بۇ يىللىق سىناق تۈرىگە ئىچكى موڭغۇلىيە، جياڭشى، گۇاڭشى،خەينەن، تىبەت، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»نى قوشقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق بۇ پىلاننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەزكۇر پىلاننى 2019-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان خېبېي، خېنەن، شەنشى، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق بىمارلار كۆپ، داۋالاش مەنبەسى بىر قەدەر ئاجىز بولغان جايلاردا مىللىي رايونلۇق داۋالاش مەركىزى قۇرۇشنى سىناق قىلغان. بۇ مەركەزلەردە بالىلار كېسەللىكلىرى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئۆسمە كېسەللىكلىرى ۋە روھىي كېسەللىك قاتارلىق مۇھىم بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان. خىتاي بۇلار ئىچىدىكى ھەر بىر سىناق تۈرىگە 500 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تولۇقلىما بېرىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، تېلېۋىزىيەنى بىۋاسىتە باشقۇرۇپلا قالماي، دىۋىزىيەگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنى پىلانلىق ھالدا باستۇرۇشىنىڭ، چەتكە قېقىشىنىڭ بارلىق تەرەپلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق