قەشقەر دائىرىلىرى: بارلىق ئۆيلەردىكى گىلەملەر ئېلىۋېتىلىشى كېرەك

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 25-ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆيىدىكى گىلەملەرنى ئېلىۋېتىشكە، بېكىتىلگەن ئۆي جاھازىلىرىنى قويۇشقا بۇيرۇغان.

خىتاي يېقىندىن بىرى ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىناكارلىق، ھويلا-ئارام، ئائىلە بېزەكچىلىك مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۈچەيتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئايۋان، سۇپا، ئويۇق، نەقىش دېگەندەك ئەنئەنىۋى بېزەكلەر ۋە ئۆي قۇرۇلمىلىرى چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىم قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ئاتالمىش «ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش» نامىدا، ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆي ئىچى مەدەنىيىتىنى كۆزدىن يوقىتىش ۋە خىتايلار بىلەن بولغان پەرقنى تېخىمۇ كىچىكلىتىشتەك رەزىل مەقسەت بىلەن، شەھەر ئاھالىسىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆيدىكى گىلەملەرنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان.

ئۇقتۇرۇشتا: «قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تەلىپىگە ئاساسەن، بارلىق ئۆيلەرنىڭ گىلەملىرى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىپ، يەر يۈزى پاكىز تازىلىنىشى، ئۈچ يېڭى ئۆي جاھازىلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئۇخلايدىغانغا كارىۋات، ئولتۇرىدىغانغا سافا-شىرە، تاماق يەيدىغانغا تاماق ئورۇندۇقى بار بولۇشى كېرەك. بۈگۈندىن باشلاپ كۆپچىلىك ھەرىكەتكە كېلىمىز. خىزمەت 9- ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن تۈزىتىلىپ بولىدۇ. ۋىلايەت مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋاقتىدا تۈزەتمىسە، خىزمەت ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇللارغا دوكلات قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.

يەنە بىر توپقا يوللانغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 26-ئاۋغۇست مەھەللە كومىتېتى خادىملىرى خەلققە تەھدىت سېلىپ: «ھازىرغىچە گىلەمنى ئېلىۋەتمىگەن، ئۆيگە سافا-شىرە ئالمىغانلار تەلەي سىناش خىيالىدا بولماي، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىڭلار! كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ ئورنى يوق» دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «ياغلىق ئارتىدىغانلار، كۆڭلەكنىڭ ئاستىغا ئىشتان كىيىدىغانلار دىققەت قىلىڭلار، ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيمەڭلار!» دېيىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق تەرەپلىرىدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ پەرقنى يوقىتىش ئۈچۈن، تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان بارلىق رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1132 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق