ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەدىكى 150 كە يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىنىڭ غەلىبىلىك ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، 21-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىم ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان رايونىدىكى باھارىيە مەۋلەۋىيخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، تەشكىلات رەھبەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ نازىرلار ھەيئىتى رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايغا بېرىلگەن بىر كۈچلۈك جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەھبەرلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تېگىشلىك رول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، مەيلى قايسى ساھەدىكىلەر بولسۇن، بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ يىقىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆزدە تۇتقان، نىشان قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەسلىكىنى ۋە ھەرۋاقىت ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى زايە قىلىۋەتمەي، ئەمەلىي قوللىنىشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فاھرەتتىن سۆز قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئەڭ تىرىشچان، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن مەكتەپتىكى ئىپادىسىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىنىڭ باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ پۇرسەتلەرگە ۋە قوللاشلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەۋزەل شارائىتنى تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىن ۋەقفىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىلىرى ۋە بىر نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا يەنە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، مۇراسىم سۆزى قىلدى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى.

قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشتىكى، شۇنداقلا توغرا پىكىرگە ئېرىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىكەنلىكىنى، ئىلىم ئېلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئىككى دۇنيالىقى ئۈچۈن، خىتايغا قارشى مۇجادىلە ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتنى بىرىنچى بولۇپ پۈتتۈرگەن ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلى ۋە ئۆمەر يۈكسەلگە 2000 لىرا مۇكاپات بېرىلدى. ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا 1000 لىرادىن، ھەرقايسى مەكتەپلەردە باكلاۋۇرلۇقنى ئالاھىدە ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا 800 لىرادىن مۇكاپات بېرىلدى. بۇلاردىن سىرت، باكلاۋۇرلۇقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا 200 لىرا قىممىتىدىكى كىتاب سېتىۋېلىش كارتىسى، قالغان ئوقۇغۇچىلارغا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا مۇراسىم جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

بۇ خەۋەر 1555 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2021 01:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق