خىتاي تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشنى تېزلەتتى

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان ناھىيەسى ئاقتام بازىرىغا جايلاشقان تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغان ئايرودۇرۇمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ بىرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىزلىكتە ئىكەن. يەنە بىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىكەن.

بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىغا 2020-يىلى 26-ئاپرېل ئۇل سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»نىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى ئاساسلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئايرودۇرۇمغا 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يەر كۆلىمى 230.4 گېكتار بولۇپ، ھەر يىلى 160 مىڭ يولۇچى، 400 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇيالايدىغان، 1900 ئايروپىلان ئۇچۇپ-قونالايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئالاقىدار خىتاي مەسئۇللارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى يول باشلاش مۇنارىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، 9-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشنى باشلايدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى،  شۇ سەۋەبلىك خىتاي پۇرسەتپەرەسلىك بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈشكە ئالدىرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 938 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق