خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى بۆرتالا ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ چېگرا ئېغىزىدا ئۈچ كىشىگە يۇققان ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

15-ئاۋغۇست ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ئېغىزى رايونىدىكى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئىجرا قىلىنىدىغان قەرەللىك تىببىي تەكشۈرۈشتە، ئۈچ كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارغا بىردەك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويغان. مەزكۇر بىمارلار بۆرتالا ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ كۆزىتىلگەن.

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - ئەۋلاد تەرتىپىنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشىچە، مەزكۇر ئۈچ يۇقۇملانغۇچىدىكى ۋىرۇس دېلتا ( Delta )   ۋىرۇس تىپىغا تەۋە ئىكەن. ئۇلار يەنە، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسى بىلەن مەنبەداشلىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ پائالىيەت ئىزىنى ئىگىلەپ، يېقىندىن ئۇچراشقان 98 كىشى، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 88 كىشى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىغا يوللانغان. ئالاتاۋ شەھىرى 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا ئېغىزىدا يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. شۇنداق قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق خەلقئاراغا ۋىرۇس ئاپىتىنى تارقىتىپ نەچچە مىليۇن ئىنساننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2021 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق