خىتاي ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالىماقتا

خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالاشنى داۋاملاشتۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى يېزا ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئاتىكەم ئىمىن بىلەن مەكىت ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئىمىن قۇربان قولغا ئېلىنغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ئاتىكەم ئىمىنگە پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىلغان بولۇپ، مەكىت ناھىيەلىك تەپتىش كومىتېتى ئۇنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىغان. نۆۋەتتە مەكىت ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئاتىكەم ئىمىننى قولغا ئېلىش قارارى چىقارغان.

بىرىنچى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئىمىن قۇربانغا چىرىكلىك جىنايىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، مەكىت ناھىيەلىك تەپتىش كومىتېتى ئۇنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، مەكىت ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىغان. ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا قولغا ئېلىش قارارى چىقارغان. نۆۋەتتە بۇلارنىڭ دېلوسى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە بىر تەرەپتىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ جازالىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمىنىڭ خىزمەتلىرىگە  ماسلىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىمۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 956 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق