شەرقىي تۈركىستاندىكى 5G تورى پونكىتىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق» خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 5G تور قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 10490 ى قۇرۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دائىرىلەر 5G تورى قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى 5G ئابۇنىتلىرى ئۈچ مىليون 684 مىڭغا يەتكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق رايونلىرى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەركىزىي شەھەر ئاساسىي شەھەر رايونلىرىنىڭ 5G تورى بىلەن قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شەرقىي تۈركىستاندا 2019-يىلى 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە جەمئىي 10490ى قۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2021- يىلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش كەسپىگە 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىنى 5G تورى بىلەن قاپلاش، بارلىق ناھىيە، شەھەر، دىۋىزىيە-مەيدان ۋە ھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىدا 5G تورى بىلەن قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى 5G تورى نازارەت قىلىش، بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا بىر گەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، تور سۈرئىتىنىمۇ ئاستىلىتىپ ئالاھىدە كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا 5G تورنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 783 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2021 09:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق