شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيەنىڭ كاستامونۇدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىدا ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە بوزكۇرت رايونىدا ئاپەت ئارقا سەپ ياردەم خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ياردەم بۇيۇملىرى توشۇش، رەتلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەملەشكەن. گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىر قىسىمى ئاپەت رايونىدىكى ئامما ۋە پىدائىيلارغا يېمەكلىك تارقاتقان. بىر قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بەزى ئورۇنلاردىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلىغان. 

شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى 14-ئاۋغۇست ئاپەت رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن مۇھىت ۋە شەھەرلەشتۈرۈش مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم بىلەن كۆرۈشكەن. ياردەم گۇرۇپپىسى 15-ئاۋغۇست İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى بىلەن ماسلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، قۇتقۇزۇش خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا يېمەكلىك تارقاتتى. شۇ كۈنى يەنە ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى جۇلىدە سارىيەرئوغلى شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھماننىڭ باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ياردەم ھەيئىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، 20 نەچچە كىشىلىك ھەيئەت 14-ئاۋغۇست ئاپەت رايونى بولغان كاستامونۇدىكى بوزكۇرتقا يېتىپ بارغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، سىنوپ ۋە بارتىن ۋىلايەتلىرىدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار 70 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 628 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2021 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق