شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى كاستامونۇدىكى ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى

تۈركىيەنىڭ كاستامونۇدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن، 20 نەچچە پىدائىيدىن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن كاستامونۇ ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھماننىڭ باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ياردەم ھەيئىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، 13-ئاۋغۇست كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا ئىستانبۇلدىن يولغا چىقتى. 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ياردەم گۇرۇپپىسىنى ئۇزىتىش جەريانىدا سۆز قىلىپ: «كاستامونۇ ۋە باشقا رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ ئاپەتتە بىر قانچە قېرىندىشىمىز قازا قىلدى ھەمدە ئىقتىسادىي زىيان بولدى. بىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ياردەم گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئېغىر كۈنلەردە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بولغان ئىدۇق. بۈگۈنمۇ ئېغىر كۈنلەردە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېشىدا بولۇش ئۈچۈن 20 گە يېقىن پىدائىي يولغا چىقتى. بىز بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن قېرىنداشلىرىمىزغا قەلبىمىزنى ئىزھار قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. 

ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئەتىگەن تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئاپەت رايونلىرىدىن بىرى كاستامونۇنىڭ بوزكۇرت رايونىغا يېتىپ باردى ۋە قىسقىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كېيىن، گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلىدىغان نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ماشىنىلارغا بېسىپ، ياردەم خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. 

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى ئارقا سەپ ياردەم خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسەن ياردەم بۇيۇملىرى توشۇش، رەتلەش، يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەملىشىدىكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، سىنوپ ۋە بارتىن ۋىلايەتلىرىدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار 41 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق