ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىر ھەيئەت ئىلىم-ئېرپان تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيەدىكى ئىلىم ۋە ئېرپان تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. 

ھەيئەتنى ئىلىم-ئېرپان تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، تونۇلغان دىنىي ئالىم دوكتور ئېھسان شەنئوجاق مەركەز كۇتۇپخانىسىدا كۈتۈۋالدى. 

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا دوكتور ئېھسان شەنئوجاق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھەيئەت ئاخىرىدا يەنە دوكتور ئېھسان شەنئوجاققا شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 1347 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق