مائارىپ جەمئىيىتى ئانا تىل يەسلىسىدىكى بالىلارنى دالا پائالىيىتىگە تەشكىللىدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى بۈگۈن ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بالىلارنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دالا پائالىيىتىگە تەشكىللىدى. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشتىن ئىبارەت تېررور سىياسىتىگە  قارشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىل تەربىيەسى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن بولۇپ، بالىلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىك، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنماقتا. 

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدىكى ئانا تىل كۇرسى ۋە قۇرئان كەرىم كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ كۇرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس دالا پائالىيىتى تەشكىللىگەن. 

 پائالىيەت داۋامىدا بالىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايان قىلغان ھەمدە ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناپ، پائالىيەتنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن.

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2021 10:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق