قونالغۇغا ئۆزگەرتىلگەن مەسچىت خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدىكى بىر مەسچىتنى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ھىلال ئاي بەلگىسىنى، قۇببىلىرىنى ۋە تاملاردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىلغان ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. بىر قىسىم مەسچىت بەزمىخانا ياكى ساياھەت ئورنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. پەقەت يول بويىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان.

سىندا كۆرسىتىلگەن مەسچىت غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭى يول كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مەسچىت دەرۋازىسىدىكى قۇببە بۇزۇۋېتىلگەن. سىندا ئېيتىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەسچىت نۆۋەتتە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ۋىرۇس سەۋەبىدىن تىجارىتى ۋاقتىنچە توختاپ قالغان. بۇ قونالغۇدا رايوندىكى ساياھەتچىلەر ياتسا بولىدىكەن، ئەمما باشقا رايوندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىكەن. قونالغۇنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى مىڭ سوم ئەتراپىدا ئىكەن. ياتاق ئىچىنى بىر قېتىملىق سۈرەتكە تارتىش ھەققى 200 سوم ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماستىن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرىغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىش، توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 729 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2021 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق