شى جىنپىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلدى

شى جىنپىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قارار ماقۇللاپ، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىر قىسىم جىنايەتچىلەرگە ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلغان.
جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىدىغان كىشىلەر توققۇز تۈرلۈك بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكەنلەر، يېشى 75 ياشتىن ئېشىپ، ھاجىتىدىن چىقامايدىغانلار، جازا مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغان ئۆسمۈرلەر دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇندىن باشقا قارارنامىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېررورلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنىڭ يۇقىرىقى كەچۈرۈمدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بۇ خەۋەر 1748 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2019 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق