خىتاي خەلقئارالىق بېسىمغا قارىماي ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «باشقا يۇرتقا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلىشنى پىلانلىغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» قارمىقىدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق 24 تارماق بىرلىشىپ، ئاتالمىش «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش پىكرى» ھەققىدە كېڭەش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا «14-بەش يىللىق پىلان» بويىچە باشقا جايغا كۆچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 56 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى خەلقنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن.

ئۇندىن باشقا يىغىندا يەنە خىتاي بىر قانچە يىلدىن بېرى ئاتالمىش «مەھەللىلەرنى تۈزەش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق، ھويلا-ئارام ۋە مەھەللە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ كېلىۋاتقان رەزىل پىلانىنى قايتا تەكىتلەپ، مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» قارمىقىدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغان. 

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە لاگېرنىڭ سىرتىدا قالغان ياشلارنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات ۋە ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2021 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق