ئۇيغۇر بالىلارنىڭ زاۋۇتتا ئەمگەككە سېلىنغان كۆرۈنۈشلىرى دىققەت قوزغىدى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تارقالغان سىنلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاي زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر سىنلاردا تەخمىنەن ئالتە ياشتىن ئون ياشقىچە كېلىدىغان بىر توپ ئۇيغۇر بالىنىڭ مەلۇم تىككۈچىلىك سېخىدا ئىشلەۋاتقانلىقى، خىتاي خوجايىننىڭ ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ، سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقى، يېشىغا قىلچە ماس كەلمىگەن ھالدا، تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئالدىدا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىزنىڭ پۇتىنىڭ ئوشۇقىدىن تېڭىپ قويۇلغانلىقى ۋە ئاقساپ مېڭىۋاتقانلىقىمۇ دىققەت تارتقان.

بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە تارقالغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى توپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئېلانلاردىمۇ 18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ۋە بىر قىسىم خەۋەر-دوكلاتلاردا ئورۇن ئالغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش قانۇن-نىزاملىرىدىمۇ 18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرنى ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىقى سىندىكى بالىلارنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز ھالدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە شۈبھە يوق ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامالغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغماس قىلىش... قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخىدا مەۋجۇت بولغان بارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا، شۇنداقلا تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقتىن تارتىپ، ياشانغانلارغىچە بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق