خىتايغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان مەمتىمىن بەكرىمۇ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئورگان تورىنىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار مەمتىمىن بەكرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار مەمتىمىن بەكرى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش باھانىسى بىلەن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

مەمتىمىن بەكرى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، 1983-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1984-يىلىدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە سودا-سانائەت ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش ساھەسىدە ئىشلىگەن. 2001-يىلىدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان. شۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆسۈپ، 2019-يىلى 12-ئايغىچە قەشقەر شەھەر باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» قەشقەر رايونلۇق خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىمىن بەكرى خىتاي كومپارتىيەسىگە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى»دە پاسسىپلىق قىلدى، دەپ تەنقىد قىلغان بولۇپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئەينى ۋاقىتتا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەمتىمىن بەكرى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە: «نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، بىز ئۇيغۇر كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قاتناشمىدۇق» دېگەن. بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ باشقا ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئاشكارا «ساداقەتسىزلىك» بىلەن ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1023 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2021 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق