خىتاي يەنە ئارال شەھىرىگە ئاققۇنلارنى يەرلەشتۈرۈش ئېلانى تارقاتتى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارال شەھىرىگە خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئېلانى تارقاتقان. 

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتكەندىن سىرت، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىمۇ جىددىي ئىجرا قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات، ئۇقتۇرۇشلارنى كۆپلەپ تارتماقتا. جۈملىدىن ئالدىنقى يىللىرى خىتايلارغا بېرىلىدىغان 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل تولۇقلىمىسى 75 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. 

مەزكۇر بەش مىنۇتلۇق سىندا ئارال شەھىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا 18 ياش بىلەن 35 ياش ئارىسىدا بولغان خىتايلار ئاقسۇغا جايلاشقان ئارال شەھىرىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشسا، ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن 75 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى، ئائىلىدە تولۇق ئوتتۇرا ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان پەرزەنتى بولۇپ، تارىم كەسپىي ئىنستىتۇتىغا تىزىملاتسا، 20 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

سىندا يەنە ۋاقتىنچە ئۆي ئالالمايدىغانلارغا تۆۋەن باھادا ئۆي ئىجارە ئېلىپ بېرىدىغانلىقى، ئەگەر خىزمەت كېرەك بولسا، خىزمەت تېپىپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئارال شەھىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى»غا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، ئاتالمىش 1-دىۋىزىيە جايلاشقان. يەر كۆلىمى 6923.4 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىنمۇ چوڭ. ئارال شەھىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، 1953-يىلى خىتاي دالا ئۇرۇش ئارمىيەسى ئاتالمىش «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدا ئارال شەھىرىگە ئورۇنلاشقان.

بۇ خەۋەر 877 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق